A000A 发表于:2017-04-23 14:01:48
لۇغەتكە خېلىلا كۈچەپسىلە، ئەڭ مۇھىمى ئەپ يۈزىدە ئۇيغۇرچىنى ئۆلچەملىك كۆرسىتىش، ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش... قاتارلىق جەھەتلەردە ئادەمنى خېلىلا قىزىقتۇرىدىكەن، باھاسىمۇ مۇۋاپىق بوپتۇ.
بىر يىرى ئەپ چۈشەندۈرىشىدە ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشنى بېشىغا ئېلىڭلا. چۈنكى بۇ ئەپنىڭ ئاساسلىق خېرىدارى ئۇيغۇر. يەنە بىرى ئۇيغۇرچە ئەپ چۈشەندۈرۈشى پۈتۈنلەي كاتەكچە كۆرىنىدىكەن، بۇ بەلكىم كېڭەيتىلگەن رايوندا كودلاش سەۋەبىدىن بولغاندۇ. ئالما ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش ئىقتىدارى باشقا ھەرقانداق كۆچمە مەشغۇلات سىستېمىسىدىن ياخشى، شۇڭا ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشنىڭ نورمال چىقىشى ئۈچۈن ئاساسىي رايوندا كودلاڭلا، پات-پات نەشىر كۆتۈرۈپ ئىقتىدارىنى مۇكەممەلەشتۈرۈپ، سۆزلۈك مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ مېڭىڭلار. ئەپ يۈزىدە ئۇيغۇرچىنىڭ ئوڭدىن، خەنزۇچىنىڭ سولدىن كۆرۈنۈشىنى ھەل قىلىڭلا.
ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولسۇن.