总有刁民想害朕。 发表于:2017-04-17 21:08:29
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قوللۇرۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن قېرىنداشلىرىم ، بۇ لوغەتلەرنى بەك ياقتۇردۇم ھەم بەك پايدىلاندىم ، لوغەتلەرنى ناھايىتى سىپتا قولايلىق ئىشلەپسىلەر . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەقسىز تاقىتىپسىلەر بۇ ئەمگىكىڭلاردىن بەكمۇ سۈيۈندۈم . نىمىلا دىمىگەن بىلەن ئاددى بولسىمۇ بىرتال ئەپ بىلەن بىزنى يات مىللەتلەر بىلەن بىر قەدەم بولسىمۇ يېقىنلاشتۇردۇڭلار ، سىلەرگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت !
مەقسەتكە كەلسەم . مەن بۇ ئەپلەردىن ios7 سېستىما ئىشلىتىدىغان ۋاقتىمدا ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلانغان ئىدىم.
ئەمما ئۇنىڭدىن كىيىنكى 8 ۋە 9 سېستىمىلاردا بىلكان تۈركچە لوغىتى بىلەن بىلكان ئەرەپچە لوغىتى ئىجرا بولمىدى .
شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ قۇلۇمدىكى ئەسكى كىسەكنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرغان ئەڭ ياخشى ھەمراھلىرىمدىن ئايرىلىپ قالدىم.
بولسا قېرىنداشلىرىم ، مۇشۇ ئەپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ قويغان بولساڭلا سىلەردىن بەكمۇ مىننەتدار بولغان بۇلاتتىم.
بۇ مىنىڭلا ئىستىگىم ئەمەس بەلكى ئالما يانفۇنى ئىشلىتىدىغان بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئىستىگى.
ئەمسە سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
سىلەرنى قوللايمىز ، تېخىمۇ نادىر ئەپلەرنى تۈزۈپ چىقىشىڭلارغا تىلەكداشمىز .